11 بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: - ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر.
ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل ئىپلاسلىقلارنى ۋە بارلىق يامان قىلمىشلارنى تاشلاڭلار. قەلبىڭلارغا سېلىنغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆزنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلەشتۈرۈڭلار.
ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.
- ئەمدى ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا تەمسىللەرنى قانداقمۇ چۈشىنىسىلەر؟
چىغىر يولدىكى تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ.