Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ، بىللە كەلگەن خالايىققا: - دەرۋەقە، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى ھېچكىمدە كۆرمىگەنىدىم! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:9
9 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ كامىل ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن، - دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.


بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىننى قوغلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ھەيران بولۇپ: - بۇنداق ئىش ئىسرائىلىيىدە زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، - دېيىشتى.


مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ» دەيدۇ، - دېدى.


يۈزبېشى ئەۋەتكەن ھېلىقى كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، چاكارنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.


ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: - ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite