Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بىراق، ئۆيگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتتى. ئۇلار: - تەقسىر، يۈزبېشى: «ئاۋارە بولۇپ ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:6
15 Referans Kwoze  

يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەم بىلەن بىللە باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغان خالايىقمۇ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بىرى ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا: - قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، - دېدى.


خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.


خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.


ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.


مەن سىلەرنى قىلغان توۋاڭلار ئۈچۈن سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنى كۆتۈرۈشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ.


كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق، ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك.


ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم.


مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن.


ئۆزى يەھۇدىي بولمىسىمۇ، بىز يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىمۇ سېلىپ بەردى، - دەپ، ئۇنىڭ يۈزبېشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى چىن كۆڭلىدىن تەلەپ قىلدى.


ھەتتا ئۆزۈممۇ بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە لايىق ئەمەسمەن. بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite