46 سەن مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان ياغنى بېشىمغىمۇ سۈركىمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ مېنى ھۆرمەتلەپ، پۇتلىرىمغا ئەتىر سۈركەپ قويدى.
دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا، ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا، بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.
پاكىز، چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىڭلار، چاچلىرىڭلاردىن خۇشبۇي ماي ئايرىلمىسۇن.
سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار.
بۇ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، يەنى گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم.
كۆڭۈللەرنى شاد ئەيلىسەڭ شارابتا، قۇۋۋەت بەردىڭ نېنىڭ بىلەن تەنلەرگە، جىلۋە بەردىڭ مېيىڭ بىلەن يۈزلەرگە.
تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا: _ سەن ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرگىن، پەرداز قىلمىغىن. ئۆزۈڭنى ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ،
سەن ئۈستى-بېشىڭنى يۇيۇپ، ئۆزۈڭگە خۇش پۇراقلىق نەرسىلەرنى چېچىپ، چىرايلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، خامانغا بارغىن. لېكىن ئۇ سېنىڭ ئۇ يەرگە بارغانلىقىڭنى بىلمىسۇن. ئۇ ئالدى بىلەن يەپ-ئىچىپ تويسۇن.
تېرىغىنىڭلاردىن ھوسۇل ئالالمايسىلەر. زەيتۇنلۇقۇڭلاردىن بەدىنىڭلارنى مايلىغۇدەك ماي، ئۈزۈمۈڭلاردىن گېلىڭلارنى نەملىگۈدەك شاراب چىقمايدۇ.
چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ، ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر. ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر.
شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇيۇنۇپ، خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى چېچىپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتگاھىغا كىرىپ ئىبادەت قىلدى. ئاندىن ئوردىسىغا قايتىپ كېلىپ، غىزا كەلتۈرگۈزۈپ يېدى.
قىسقىسى ساڭا ئېيتايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىندى. شۇڭا، ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر. لېكىن، ئاز كەچۈرۈم قىلىنغاننىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمۇ ئاز، - دېدى.