Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. شۇڭا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى قەرز ئىگىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:42
23 Referans Kwoze  

بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار.


بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار.


ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى گۇناھلىرىمىز بەدىلىگە تۆكۈلگەچكە، بىز گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق. گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى. بۇ، خۇدانىڭ بىزگە كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى.


تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىمەن، دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى لەنەتكە قالىدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغان ھەممە ئەمرلەرگە تولۇق ئەمەل قىلمىغان كىشى لەنەتكە قالىدۇ.»


بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى.


لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى.


بۇنىڭ بىلەن، غەزەپلەنگەن خوجايىن ئۇنى پۈتۈن قەرزىنى تۆلىگۈچە زىنداندا ياتقۇزۇش ئۈچۈن، ۋەھشىي گۇندىپايلارغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ.


مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم، گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى. يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.»


مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن، گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.


كەچۈرەر ئۇ بارلىق گۇناھلىرىڭنى، ساقايتار ھەرقانداق كېسەللىرىڭنى.


بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.


خوجايىنىنىڭ چاكارغا ئىچى ئاغرىپ، قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئۇنى قويۇپ بېرىپتۇ.


- مېنىڭچە، كۆپرەك كەڭچىلىككە ئېرىشكىنى، - دەپ جاۋاب بەردى شىمون. - توغرا ئېيتتىڭ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ئايال مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا ئۆزلىرى نېمىشقا دەل بۇنداق ناھەقچىلىكنى خۇدانىڭ خەلقىگە راۋا كۆردىلە؟ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بۇنداق دەپ تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قېچىپ كەتكەن ئوغۇللىرىنىڭ قايتىپ كېلىشىگە يول قويمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ خاتا ئىش قىلغانلىقلىرىنى ئىسپاتلىمامدىلا؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite