Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: - يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:4
9 Referans Kwoze  

لېكىن، ئاراڭلاردا ئۆزلىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن يەنە بىرنەچچەيلەن بار. ئۇلار ئاق تون كىيىپ، مەن بىلەن بىللە يۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر.


ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. ئەگەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ.


بىراق، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئەرشتە ياشاشقا لايىق ھېسابلانغانلار خوتۇنمۇ ئالمايدۇ، ئەرگىمۇ تەگمەيدۇ.


بىرەر شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن ئۇ يەردە سىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇڭلار.


يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنىڭ بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ چاكىرىنى ساقايتىپ قويۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشىنى تاپشۇردى.


ئۆزى يەھۇدىي بولمىسىمۇ، بىز يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىمۇ سېلىپ بەردى، - دەپ، ئۇنىڭ يۈزبېشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى چىن كۆڭلىدىن تەلەپ قىلدى.


ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ خۇشى يوق رىملىقلاردىن بولسىمۇ، مەردلىك بىلەن نامرات يەھۇدىيلارغا پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite