Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:39
25 Referans Kwoze  

قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك: - ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى! - خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.


پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ: - بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ - دېيىشتى.


چۈنكى، يامان نىيەت، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ئوغرىلىق، قاتىللىق،


شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما، چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا مۇقەددەسمەن› دەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەي كۆيىدىغان ئوتتەك، خۇددى بۇرنۇمنى ئىس-تۈتەك ئېچىشتۇرغاندەك مېنى ئازابلايدۇ.


پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ: - خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، - دېيىشتى.


كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈردى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، دەل ئەكسىچە، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى.


- تەقسىر، ئەمدى چۈشەندىم، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز!


لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن،


ھېلىقى غوجىدار ئىچىدە «خوجايىنىم مېنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەتسە، بۇندىن كېيىن قانداق قىلارمەن؟ ئېتىزدا ئىشلەشكە كۈچۈم يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم، نومۇس قىلىمەن“


ئۇ يەردە پاھىشە دەپ تونۇلغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ئەتىر ئېلىپ كەلدى


ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر. «تارتىنماي يەڭ، ئىچىڭ» دەر، بىراق كۆڭلى سەندە ئەمەستۇر.


شۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائاماننىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلمىغىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى.


ئۇ كۆڭلىدە «بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويىدىغان يېرىم يوق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟


دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ.


خالايىق: - بۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن بولغان ئەيسا پەيغەمبەر، - دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.


ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن يەردە تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن، ئۇ چاچلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى.


بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - شىمون، ساڭا ئېيتىدىغان بىر گېپىم بار، - دېدى. - ئېيتىڭ ئۇستاز، - دېدى شىمون.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite