33 چۈنكى، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ!» دېيىشتى.
ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.
يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
بەزىلەر: - بۇلار ئوبدانلا مەس بولۇپ قاپتۇ! - دەپ مەسخىرە قىلىشتى.
بىرمۇنچە كىشىلەر: - ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكمىز؟ - دېيىشەتتى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - ساڭا جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدۇق، - دېيىشتى، - ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقچە: «تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!» دېيەلەيسەن؟
يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن: - ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، شاگىرت ئۇستازىدەك، قۇل خوجايىنىدەك بولغىنىغا قانائەت قىلسۇن. ئۇلار ئۆينىڭ بېشى بولغان مېنى «جىنلارنىڭ پادىشاھى شەيتان» دەپ ئاتىغان يەردە، ئۆينىڭ ئەزالىرى بولغان سىلەرنى تېخىمۇ زور ھاقارەت قىلمامدۇ؟
شۇ چاغلاردا، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ چۆللۈك رايونلىرىغا كېلىپ تەلىم بېرىپ،
ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ.
ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن! ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ.