Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىۋالغان، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر چۆلدىن ئەمەس، بەلكى خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:25
16 Referans Kwoze  

لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ.


يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.


ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت، قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا، قىساسنى كىيىم، قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.


موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى.


ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى.


ئۇ ئوردا دەرۋازىسىغا كېلىپ، توختاپ قالدى. چۈنكى بەلگىلىمە بويىچە ماتەملىك كىيىم كىيگەن كىشىلەر ئوردىغا كىرگۈزۈلمەيتتى.


خانىش ۋاشتىغا خانىشلىق تاجىنى كىيدۈرۈپ، ھۇزۇرىغا تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىشلىرىنى بۇيرۇدى. خانىش ئىنتايىن چىرايلىق ئايال بولغاچقا، پادىشاھ ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بارلىق زىياپەت ئەھلىگە ئۇنىڭ گۈزەل جامالىنى كۆز-كۆز قىلماقچىدى.


ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلىدا بارلىق ئالىي ئەمەلدارلىرى بىلەن بەگلىرىگە بىر كاتتا زىياپەت بەردى. زىياپەتكە پېرسىيە بىلەن مىدىيانىڭ سەركەردىلىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى يۇقىرى تەبىقىدىكىلەر ۋە ئالىي ئەمەلدارلار كېلىپ قاتناشتى.


ئۇلار پادىشاھقا: _ يۇڭدىن توقۇلغان تون كىيىپ، بېلىنى خۇرۇم تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى. پادىشاھ: _ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس ئىكەن، _ دېدى.


شىرەگە تىزىلغان نازۇنېمەتلەرنى، ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆز مەنسەپلىرى بويىچە ئولتۇرۇشلىرىنى، خىزمەتكارلىرىنىڭ كۈتۈشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، ئوردا ساقىيلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىنىشلىرىنى، شۇنداقلا سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىنى كۆرۈپ، ناھايىتى ھەيران قالدى ۋە


مەن 80 ياشقا كىردىم، مەن ئۈچۈن ھازىر جاپا بىلەن راھەتنىڭ پەرقى يوق. يەپ-ئىچكەننىڭ تەمىنى سېزەلمەيمەن، ئەر-ئايال ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايمەن. شۇنداق ئىكەن، مەن يەنە نېمىدەپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا يۈك بولاي؟


ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلار چۆلدىن ئەمەس، خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟


ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا ھەرقانداق پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن پەيغەمبەردۇر.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite