Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:24 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

24 يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:24
14 Referans Kwoze  

شۇنداق بولغاندا، بىز كىشىلەرنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىگە گۆدەك بالىلاردەك ئالدىنىپ، ھەر خىل غەيرىي تەلىماتلارنىڭ شامىلى ۋە دولقۇنلىرىدىن تەۋرىنىپ كەتمەيمىز.


يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ خاتا تەلىمىگە ئەگىشىپ، مۇستەھكەم مەيدانىڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار.


بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلارغا ۋە گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق بۇلۇتلارغا ئوخشايدۇ. خۇدا ئۇلارغا قاپقاراڭغۇلۇقتا جاي ھازىرلاپ قويدى.


يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى: - يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان، خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى كېلىشتىن ئىلگىرى چۆلدە، «رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تۈز يول تەييار قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان كىشى مەندۇرمەن!


بىراق سەن كەلكۈندەك ئېقىپ، تۇتۇق بەرمىدىڭ! سەن توقىلىم بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، تۆشىكىمنى بۇلغىدىڭ، ئەمدى كاتتا كىشى بولالمايسەن.


يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، - دېدى.


ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىۋالغان، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر چۆلدىن ئەمەس، بەلكى خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite