Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا: - يىغلىماڭ، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:13
36 Referans Kwoze  

ئۇلار ئازاب چەككەندە، ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى، ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى. ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.


ئاتا ئۆز بالىلىرىغا كۆيسە قانچىلىك، پەرۋەردىگار كۆيۈمچانلىق قىلار ئىخلاسمەنلىرىگە شۇنچىلىك.


چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن.


ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا تۇتۇپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! - دېدى.


مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: ئىسرائىلىيە يەنىلا مېنىڭ ئوغلۇم، قەدىرلىك بالام ئەمەسمۇ؟ ئۇنى دائىم ئەيىبلىسەممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنى سۆيىمەن. مەن ئۇنى سېغىنىمەن، جەزمەن ئۇنىڭغا رەھىمدىللىك قىلىمەن.


ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.


شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


- خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. مەريەم ئۇنى باغۋەن دەپ ئويلاپ: - تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كەلسەم، - دېدى.


- بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى.


شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يات ئىلاھلىرىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارغا يەنە خىزمەت قىلدى. پەرۋەردىگار ئاخىرى ئىسرائىللارنىڭ زۇلۇم تارتىشىغا قاراپ تۇرالمىدى.


ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، - دېيىشتى.


ماتەم تۇتۇش، خۇشال بولۇش ياكى باي بولۇش خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ھەرگىز توسالغۇ بولمىسۇن.


ئۇلار مەريەمدىن: - خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز؟ - دەپ سورىدى. - رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، - دېدى مەريەم.


رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەي ساختىپەزلەر، دەم ئېلىش كۈنى ئۆكۈز ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ!؟ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئىش دەپ ھېسابلىمامسىلەر؟!


شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى.


ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.


قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەردەك ھەسرەت چەكمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بىز، ئالەمدىن ئۆتكەن ئېتىقادچىلار توغرىسىدىكى ھەقىقەتتىن خەۋەردار بولۇشۇڭلارنى خالايمىز.


رەببىمىز ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قارىدى. پېترۇس رەب ئەيسانىڭ: «ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ،


ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر توپ ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى. ئۆلگۈچى بىر تۇل ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىقى تۇل ئايال بىلەن بىللە چىققانىدى.


ئاندىن، توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جىنازىغا قولىنى تەگكۈزگەنىدى، جىنازا كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ھەزرىتى ئەيسا: - يىگىت، ئورنۇڭدىن تۇر، - دېيىشى بىلەنلا،


بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى. دۇئا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: - ئى رەببىم، يەھيا پەيغەمبەر ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سىزمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر پەرىسىيلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان.


ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچ!» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بويسۇنۇپ، دېڭىزغا كۆچكەن بولاتتى.


رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: - بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار.


زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا: - يا رەببىم، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىمەن، - دېدى.


قەبرىگە كىرىپ قارىسا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى!


ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ كۆپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەر پەرىسىيلەرگە يەتتى.


بىرنەچچە كېمە تىبېرىيە شەھىرىدىن ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ خالايىققا نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.


لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite