10 يۈزبېشى ئەۋەتكەن ھېلىقى كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، چاكارنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
ئاندىن، يۈزبېشىغا: - ئۆيۈڭگە قايت، ئىشەنگىنىڭدەك بولىدۇ، - دېدى. ھېلىقى چاكارنىڭ كېسىلى شۇئان سەللىمازا ساقىيىپ كەتتى.
- سىز نېمىشقا قولىڭىزدىن كەلسە دەيسىز؟ ئىشەنچ بار بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىن! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئەي ئايال، ئىشەنچىڭ كامىل ئىكەن! تىلىگىنىڭدەك بولسۇن، - دېدى. ئۇ ئايالنىڭ قىزى شۇئان ساقىيىپ كەتتى.
يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ، بىللە كەلگەن خالايىققا: - دەرۋەقە، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى ھېچكىمدە كۆرمىگەنىدىم! - دېدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا نائىن دېگەن شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.