6 يەنە بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئىبادەتخانىدا ئوڭ قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.
بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. }ئۇلار يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى.
ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بېرىپ تۇردى.
ئۇ ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە كېلىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇماقچى بولغاندا،
ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.
شۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى: - ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، - دېيىشتى. يەنە بەزىلىرى: - گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ - دېيىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: - تەۋراتتا دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانمۇ-يوق؟ - دەپ سورىدى.
بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى.
بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يېدى.
پادىشاھ ياروبئام پەيغەمبەرنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراپ تۇرۇپ، ۋارقىراپ قىلغان سۆزىنى ئاڭلاپلا، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، قولىنى شىلتىپ، «تۇتۇڭلار ئۇنى!» دەپ ۋارقىرىدى. ئۇنىڭغا قارىتىپ شىلتىغان قولى قېتىپ قېلىپ، يىغىۋالالماي قالدى.
پادىلىرىنى تاشلىۋەتكەن ناچار پادىچىمنىڭ ھالىغا ۋاي! قىلىچ ئۇنىڭ بىلىكىنى چاپسۇن، ئوڭ كۆزىنى ئويسۇن! قولى قۇرۇسۇن، ئوڭ كۆزى كور بولسۇن!
ۋە خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇلارغا: - مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرمەن، - دېدى.