44 ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. تىكەندىن ئەنجۈر، يانتاقتىن ئۈزۈم ئالغىلى بولمايدۇ.
قېرىنداشلىرىم، ئەنجۈر دەرىخى زەيتۇننىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ، ئۈزۈم تېلى ئەنجۈرنىڭ مېۋىسىنى بەرمەيدۇ. شەربەت بۇلىقىدىن زەرداپمۇ چىقمايدۇ.
- سىلەر دەرەخنى مېۋىسىدىن پەرق ئېتىشىڭلار كېرەك. مېۋە دەرىخى ياخشى بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ ياخشى بولىدۇ. مېۋە دەرىخى يامان بولسا، بېرىدىغان مېۋىسىمۇ يامان بولىدۇ. چۈنكى، ھەرقانداق دەرەخ مېۋىسىدىن بىلىنىدۇ.
دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ.
سىلەر ئۇلارنى «مېۋىلىرى»~دىن تونۇۋالالايسىلەر. تىكەندىن ئۈزۈم، قامغاقتىن ئەنجۈر ئالغىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭدەك، ساختا پەيغەمبەرلەرنى ئۇلارنىڭ «مېۋىلىرى»~دىن تونۇۋالالايسىلەر.