Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى توقلار! ئاچلىقتا قالىسىلەر ئەمدى. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر ئەمدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:25
33 Referans Kwoze  

شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر، قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر.


قىلغان گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكىڭلار، ھازا تۇتۇپ يىغلاڭلار، كۈلكەڭلارنى ماتەمگە، خۇشاللىقىڭلارنى قايغۇغا ئايلاندۇرۇڭلار.


بەزىدە كۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئازاب يۈرەكنى ئاغرىتار، خۇشاللىق بەزىدە غەم-قايغۇ بىلەن ئاخىرلىشار.


بايمەن، باياشاتلىقتا ياشاۋاتىمەن، ھېچ نەرسىگە ھاجەت ئەمەسمەن دەيسەن. لېكىن، بىچارە، ئېچىنىشلىق، نامرات، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيسەن.


كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ.


شۇنداقلا، شەھۋانىي ۋە ئەخمىقانە سۆزلەش، چاكىنا چاقچاق قىلىش سىلەرگە ياتتۇر. ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە، ئۆزۈڭلارنى بولسا سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن ھالدا كۆرگىنىڭلاردا، ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىڭلارنى غۇچۇرلىتىسىلەر.


لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا:«ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ.


بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. چۈنكى، قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ئىدى.


سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر. سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.


بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە، خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن. ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر. سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن. پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»


لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ، ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ. ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ. ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ، روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.


ئوڭ تەرەپتە كىشىلەر گۆش پارچىلايدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا ئاچ يۈرىدۇ. سول تەرەپتە كىشىلەر يالماپ يۇتىدۇ، بىراق يەنىلا تويمايدۇ. ھەركىم بىر-بىرىنى تالاپ، گۆشىنى يەيدۇ.


ئۇلار بۇ زېمىندا قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاسمانغا قاراپ پادىشاھىغا ۋە خۇداغا لەنەت ئوقۇيدۇ.


نادانلارنىڭ كۈلكىسى خۇددى قازاننىڭ ئاستىدا قاراسلاپ كۆيۈۋاتقان تىكەنگە ئوخشايدۇ، كۆيۈۋاتقان تىكەن ئاۋاز چىقىرىدۇ خالاس، بۇمۇ بىھۇدىلىكتۇر.


قايغۇرۇش ئەخمىقانە كۈلكىدىن ياخشىدۇر، چۈنكى قايغۇ ئادەمنىڭ قەلبىنى تاۋلايدۇ.


كۈلۈش پەقەت تەلۋىلىك ئىكەن، ئۇنداق بولسا، خۇشاللىقنىڭ نېمە پايدىسى بار؟


چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ، «پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي، ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ، ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي.


كېتەر ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، چىقالماس مەڭگۈ ئۇلار يورۇقلۇققا.


بىر بۇردا نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار، بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار. تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار، كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.


لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى.


خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite