Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر: - سىلەر نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر، - دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:2
14 Referans Kwoze  

بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - قاراڭ، شاگىرتلىرىڭىز دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتىدۇ، - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنى دەم ئېلىش كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.


پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - شاگىرتلىرىڭىز نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى قىلىدۇ، - دېيىشتى.


بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا: - يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى پات-پات روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ شاگىرتلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئەجەب يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! - دېيىشتى.


سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.


«ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس كۈن بولۇپ، ماڭا ئاتالغان ھەم سىلەر تولۇق دەم ئالىدىغان كۈندۇر. بۇ كۈنى ئىشلىگەنلا كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.


ئالتە كۈن ئىش كۈنىدۇر، لېكىن يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئىش قىلغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.


بىرى ئېشىكى، كالىسى، قويى ياكى باشقا ھايۋانلىرىنى قوشنىسىنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن ھايۋانلار ئۆلۈپ قالسا، يارىلانسا ياكى باشقىلار ئېلىپ كەتسە، لېكىن بۇنى ھېچكىم كۆرمىسە،


- شاگىرتلىرىڭ نېمىشقا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلىدۇ؟ ئۇلار تاماقتىن ئىلگىرى قوللىرىنى يۇمايدىكەنغۇ، - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite