18 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جىنلار دەستىدىن ئازابلانغانلارمۇ كېلىپ، شىپالىق تېپىشتى.
يەنە توپ-توپ كىشىلەر يېرۇسالېم يېنىدىكى شەھەر-يېزىلاردىن كېسەللەرنى ۋە جىن چاپلىشىۋالغان كىشىلەرنى ئېلىپ كېلەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساقىيىپ قايتىشاتتى.
- تەقسىر، ئوغلۇمنىڭ ھالىغا يەتكەيسىز! بالىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بولغاچقا، ھالى بەك خاراب، دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈۋالىدۇ.
ئۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان قانانلاردىن بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى تەقسىر! پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ھالىمغا يەتكەيسىز! قىزىمغا جىن چاپلىشىۋالغانىدى، ھالى بەك خاراب، - دەپ زارلىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ھەمدە يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىپ يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى.
كۆپچىلىك قوللىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى.