Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:15
14 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ ئالدىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا، بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمى مەتتا بولۇپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى. مەتتا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.


ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھۇجرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئەندەر، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر سىمۇن ۋە باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدالار بار ئىدى.


ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن


خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى ياقۇپتىن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا تارقالغان، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىيلارغا سالام.


جامائەتچىلىكنىڭ تۈۋرۈكى ھېسابلانغان ياقۇپ، پېترۇس ۋە يۇھاننالار بۇ ۋەزىپىنىڭ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكىنىدە، ئۇلار مېنى ۋە بارنابانى قوبۇل قىلىپ، ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بىز خىزمەت قىلىدىغان، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولسا ئۇلار خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ كېلىشتۇق.


بۇ جەرياندا، ئەلچىلەردىن پەقەت پېترۇس ۋە رەببىمىز ئەيسانىڭ ئىنىسى ياقۇپ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئەلچىلەردىن باشقا بىرەرسىنى كۆرمىدىم.


ئۇلار سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: - قېرىنداشلار، قۇلاق سېلىڭلار!


ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى.


«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا: - بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، - دېدى.


بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇرغان ئالفاينىڭ ئوغلى لاۋىينى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: - ماڭا ئەگەشكىن، - دېدى. لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى.


ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي،


باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite