Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:14
23 Referans Kwoze  

ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ھۇجرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئەندەر، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر سىمۇن ۋە باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدالار بار ئىدى.


كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ ۋە يۇھاننانى كۆردى. بۇ ئىككى قېرىنداش كېمىدە ئاتىسى بىلەن تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىمۇ شاگىرتلىققا چاقىردى.


بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى بويىدا كېتىۋېتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەرنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، كۆلگە تور سېلىۋاتاتتى.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار.


ئۇ يۇھاننانىڭ ئاكىسى ياقۇپنىڭ كاللىسىنى ئالدۇردى.


- ئى رەببىم، ئاتىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، رازى بولاتتۇق، - دېدى فىلىپ.


شاگىرتلاردىن يەنە بىرى، يەنى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ھەزرىتى ئەيساغا:


ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن: - شۇنچە كۆپ ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ - دەپ سورىدى.


فىلىپ ناتانيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى تاپتۇق. ئۇ، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەن! - دېدى.


باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى - زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا: - قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىسەن، - دېدى.


بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.


ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇنى قايغۇ بېسىپ، كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇشقا باشلىدى. ئۇ:


ئالتە كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانىلا ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگەردى.


شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننانى ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلاردىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپلا، سىمۇن ۋە ئەندەر بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ياقۇپ ۋە يۇھاننامۇ ئۇلار بىلەن بىرگە باردى.


كۆل بويىدا بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننانى كۆردى. ئۇلار كېمىدە تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى.


فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە تاداي،


بۇ ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا،


بۇ ئون ئىككى كىشى: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان)،


تاڭ ئاتقاندا، شاگىرتلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچى دەپ ئاتىدى.


مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite