10 كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات، - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە غەزەپ بىلەن كۆز يۈگۈرتتى. ئۇلارنىڭ تەرسالىقى ئۇنى ئېچىندۇرغانىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى كېسەلگە: - قولۇڭنى ئۇزات! - دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ! - دېدى.
كېسەللىرى تېپىپ شىپا خۇدانىڭ كالامىدىن، قۇتقۇزدى ئۇلارنى ئۆلۈم گىردابىدىن.
پادىشاھ پەيغەمبەرگە: _ مەن ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭ خۇداغا دۇئا قىلىپ، قولۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويۇشىنى تىلىسەڭ، _ دەپ يالۋۇردى. پەيغەمبەر پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغانىدى، پادىشاھنىڭ قولى ئەسلىگە كەلدى.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە: - سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ - دېدى ۋە
ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.