1 بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يېدى.
ئەگەر ئىسرائىل قېرىندىشىڭلارنىڭ بۇغدايلىقىغا كىرسەڭلار، ئۇلاردىن ئۈزۈپ، يېسەڭلار بولىدۇ، لېكىن ئورغاق بىلەن ئورۇۋالساڭلار بولمايدۇ.
بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.
يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ قوشۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
_ ھوسۇل يىغقان بىرىنچى كۈندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، يەتتە ھەپتىدىن كېيىن
«دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن، يەنى سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ئېگىز كۆتۈرگەن كۈندىن باشلاپ، تولۇق يەتتە ھەپتە ھېسابلاڭلار.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونا شاراب ئىچىپ يۈرگەن ھەرقانداق ئادەم يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ. «بولدى، كونىسى ياخشى ئىكەن!» دەيدۇ.
يەنە بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئىبادەتخانىدا ئوڭ قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.