7 ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى.
ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.
بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.
كېيىن، بارنابا تارسۇس شەھىرىگە سائۇلنى ئىزدەپ بېرىپ،
بەزى دوستلار ئۆزئارا بىر-بىرىنى خاراب قىلار، لېكىن قېرىنداشتىنمۇ يېقىن دوست بولار.
ئەگەر ئاداۋىتىڭلار بار كىشىلەرنىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشسە، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قالماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بېرىڭلار.
شاگىرتلار خالايىقتىن ئايرىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرغان كېمىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تورلىرىنى كۆلگە سېلىۋىدى، بېلىقلار تورغا پاتماي قېلىپ، تورلار يىرتىلىشقا باشلىدى.
بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.