6 شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تورلىرىنى كۆلگە سېلىۋىدى، بېلىقلار تورغا پاتماي قېلىپ، تورلار يىرتىلىشقا باشلىدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار.
شۇڭا، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن بوشاشمايلى. شۇنداق قىلساق، ۋاقتى كەلگەندە چوقۇم مول ھوسۇل ئالالايمىز.
ئۇرۇقلىرىڭنى سەھەر تۇرۇپ چاچقىن، كەچتىمۇ چاچقىن، چۈنكى سەن قايسى ئۇرۇقنىڭ ياخشى ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. بەلكىم ئۇ ياكى بۇ ياخشى ئۆسۈشى ۋە ياكى ھەر ئىككىلىسى ياخشى ئۆسۈشى مۇمكىن.
لېكىن، ئەلچىلەرنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ كۆپى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىدىغان ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭغا يەتتى.
نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. شۇ كۈنى، ئۈچ مىڭچە كىشى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە قوشۇلدى.
ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى.