Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 - ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، - دېدى سىمۇن، - بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 5:5
14 Referans Kwoze  

ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.


سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر.


سىمۇن پېترۇس: - مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، - دېدى. كۆپچىلىك: - بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، - دېيىشتى. ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى.


شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز! - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئويغىنىپ، بوران-چاپقۇنغا بۇيرۇق قىلغانىدى، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا بۇرۇلۇپ:


- ئى ئۇستازىمىز ئەيسا، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! - دەپ ۋارقىرىدى.


بۇ ئىككى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسادىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى.


يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، - دېدى.


بېلىقچىلار دېڭىزنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ، بېلىق تۇتىدۇ. بېلىقلارنىڭ تۈرلىرى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بېلىقلاردەك ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئېنگەدىدىن ئېن-ئەگلايىمغىچە بولغان يەرلەر بېلىقچىلارنىڭ تورلىرىنى يېيىپ قۇرۇتىدىغان يەرلەرگە ئايلىنىدۇ.


- پېشىمنى تۇتقان كىم؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. كۆپچىلىك: «تۇتمىدۇق» دېيىشتى. - ئۇستاز، تۆت ئەتراپىڭىزنىڭ ھەممىسى ئادەم، ئۇلار سىزنى قىستاپ تۇرۇۋاتمامدۇ؟ - دېدى پېترۇس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite