4 تەلىم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىمۇنغا: - كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، تورلىرىڭلارنى سېلىپ، بېلىقىڭلارنى تۇتۇڭلار، - دېدى.
- تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، ئاندىن تۇتالايسىلەر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى.
بىراق، باج يىغقۇچىلارنىڭ چىشىغا تەگمەيلى، كۆلگە بېرىپ قارماقنى تاشلا. تۇتقان بىرىنچى بېلىقنىڭ ئاغزىنى ئاچساڭ، بىر تەڭگە پۇل چىقىدۇ. ئۇنى ئېلىپ ئىككىمىزنىڭ بېجى ئۈچۈن ئۇلارغا بەر، - دېدى.
- ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، - دېدى سىمۇن، - بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.