26 بۇنىڭغا ھەيران بولغان كۆپچىلىكمۇ خۇدانى مەدھىيىلەشتى ۋە ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا: - بۈگۈن بىز ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى كۆردۇق! - دېيىشتى.
بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى.
قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك: - ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى! - خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.
كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئەلچىلەرنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولۇپ،
شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى.
بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ: - ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! - دېدى.
ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيىلىشىپ: - بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، - دېيىشتى.
ئاياللار بىر تەرەپتىن قورقسا، يەنە بىر تەرەپتىن زور خۇشاللىق ئىچىدە قەبرىدىن دەرھال ئايرىلىپ، يۈگۈرگەن پېتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا خەۋەر بېرىشكە كېتىشتى.
خالايىق ھەيران بولۇشۇپ: - ئەجەبا، بۇ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىمىدۇ؟ - دېيىشتى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.
ئاندىن بۇ شەھەر يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر ئالدىدا ماڭا شادلىق، شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت ئېلىپ كېلىدۇ! ئۇ ئەللەر مېنىڭ خەلقىمگە قىلغان ھەممە ياخشى ئىشلىرىمنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان تىنچلىقىم ۋە ئۇلارنى گۈللەندۈرۈشۈم سەۋەبىدىن قورقۇپ، تىترەيدۇ.
شۇڭا، ئۇلار مەندە بولغان بۇ ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن خۇدانى تېخىمۇ ئۇلۇغلىدى.
كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى.