25 ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى.
پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ: - خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، - دېيىشتى.
قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى.
قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى، بۇ ئادە منىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.
قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا شۈكۈر ئېيتقانلار مېنى ئۇلۇغلار، شۇنداق قىلىپ نىجاتلىقىمغا ئېرىشمەك ئۈچۈن يول ھازىرلار.»
چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.
بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى.
ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇردى ۋە ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ھەيران قالغان خالايىق خۇدانى مەدھىيىلىشىپ: - بۇنداق ئىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغانىدۇق، - دېيىشتى.