13 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى، بۇ ئادە منىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىك كېسىلىنى داۋالايمەن، ئۇلارنى چەكسىز سۆيىمەن، ئۇلارغا بولغان غەزىپىم بېسىلدى.
مەن سىلەرنى ھەر خىل ناپاك ئىشلىرىڭلاردىن ئازاد قىلىمەن. ئاشلىقىڭلارنى مول قىلىپ، ئاچارچىلىق پەيدا قىلمايمەن.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا بېرىپ، يەتتە قېتىم سۇغا چۆمۈلدى. شۇنىڭ ئۇ پاكلىنىپ، تېرىسى خۇددى كىچىك بالىنىڭكىدەك ئەسلىگە كەلدى.
ھەزرىتى ئەيسا كېسەل ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يېنىشىنى بۇيرۇدى. قىزىتما شۇ ئان يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
چۈنكى خۇدا «بار بولسۇن» دېسە بار بولدى، ئەمرىدىن يوق نەرسىلەر ئاپىرىدە بولدى.
ئېلىشا بىر خەۋەرچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە قېتىم يۇيۇنغىن. شۇنداق قىلساڭ تېنىڭ ئەسلىگە كېلىدۇ ھەم پاكلىنىسەن» دېدى.
ئاندىن خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلىپ، قۇرۇق يەر كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى.
خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن، - دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.
بىر قېتىم، ھەزرىتى ئەيسا مەلۇم بىر شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەن بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دەپ يالۋۇردى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما. لېكىن، ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دەپ تاپىلىدى.