31 ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بېرىپ تۇردى.
ئۇ يۇرتى ناسىرەدە تۇرماي، زەبۇلۇن ۋە نافتالى رايونىدىكى جەلىلىيە كۆلىگە يېقىن كەپەرناھۇم شەھىرىگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.
بىراق، يەھۇدىيلار شەھەر باشلىقلىرىنى ۋە ئابرويلۇق دىندار ئاياللارنى پاۋلۇس بىلەن بارناباغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى. ئۇلار ئۇ ئىككىسىگە زىيانكەشلىك قىلغۇزۇپ، ئۇلارنى ئۆز يەرلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى.
ئۇلار سىلەرگە بىر شەھەردە زىيانكەشلىك قىلسا، يەنە بىر شەھەرگە قېچىپ بېرىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئىسرائىلىيىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىنى ئارىلاپ بولغۇچە، ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدۇ.
يەھۇدىيلارنىڭ ھەربىر دەم ئېلىش كۈنىدە، پاۋلۇس ئىبادەتخانىغا بېرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنى ئۆز تەلىمىنىڭ راست ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى.
ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر.