Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا، ئىسرائىلىيىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، ئېلىشا پەيغەمبەر ھېلىقى سۇرىيىلىك نامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىنىلا ساقايتىشقا ئەۋەتىلگەن! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:27
10 Referans Kwoze  

مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى.


ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ، ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يېگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى.


زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر. جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ. ‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»


كىم ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟ كىم ئۇنىڭغا ‹سەن خاتا قىلدىڭ› دەپ ئېيتالايدۇ؟


سەن نېمىشقا خۇدادىن ئاغرىنىسەن، نېمىشقا ئۇنى ‹ئەرزلىرىمگە جاۋاب بەرمەيدۇ› دەيسەن؟


خۇدا ئەرشتىكى ئۇلۇغلارنىمۇ سوراققا تارتالايدىغان تۇرسا، كىممۇ ئۇنىڭغا بىلىم بېرەلىسۇن؟


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن، - دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى.


ئىبادەتخانىدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ «خۇدا ئەمدى سىلەرگە ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite