14 ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى.
سىلەرنىڭ يەھيا پەيغەمبەر چۆمۈلدۈرۈش چاقىرىقىنى يەتكۈزگەندىن تارتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنلىرىدا يۈز بەرگەن ناسىرەلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك زور ۋەقەلەردىن خەۋىرىڭلار بار.
ھەزرىتى ئەيسا يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى.
ئىككى كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قاراپ يول ئالدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.
بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تېزلىكتە پۈتۈن جەلىلىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى.
يەھيا پەيغەمبەر تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ:
بۇ خەۋەر پۈتۈن ئەتراپقا تارقالدى.
لېكىن، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، بۇ ئىشنى ئەتراپقا يېيىۋەتتى.
شەيتان ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ ئازدۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.