Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 4:1
19 Referans Kwoze  

خۇدا ئۇنى تەيىنلەپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ھەممە يەرنى كېزىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىدە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا يار ئىدى.


«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ˜ئازاد بولىسىلەر!Œ، قارىغۇلارغا: ˜كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!Œ دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى. خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»


ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.


خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە.


يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى: - مەن خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم.


ھەزرىتى ئەيسا چۆمۈلدۈرۈلۈپ سۇدىن چىقىشىغا، ئاسمان يېرىلدى. ئۇ خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.


روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.


ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى.


ئۇلار سۇدىن چىققاندا، مۇقەددەس روھ فىلىپنى باشقا بىر شەھەرگە ئېلىپ كەتتى. ئەمەلدار ئۇنى قايتا كۆرەلمىگەن بولسىمۇ، خۇشال-خۇراملىق بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇردى.


ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، يېتەر ئەمدى، تويدۇم، جېنىمنى ئال. مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى.


ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشتىن ئىلگىرى، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۆزى تاللىغان ئەلچىلىرىگە يوليورۇقلارنى بەرگەنىدى.


يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئىبادەتخانىغا بارغان كۈنى، مۇقەددەس روھ شىموننىمۇ ئىبادەتخانىغا باشلاپ باردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئادا قىلماقچى بولۇۋاتقاندا،


خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي بويىچە، يەھيا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! - دەپ جاكارلىدى.


مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن خىزمەتكارلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.


قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش شىتنىڭ ئوغلى، شىت ئادەم~ئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەم~ئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite