Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:8
29 Referans Kwoze  

ئالدى بىلەن دەمەشق خەلقىگە، يېرۇسالېم شەھىرىدىكى يەھۇدىيلارغا، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى كىشىلەرگە، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزدۈم. ئۇلارغا، «يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، خۇدا يولىغا قايتىڭلار! ˜توۋا قىلدۇق!Œ دېسەڭلار، ئۇنى سۆز بىلەن ئەمەس، ياخشى ئەمەلىيىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار!» دەپ، ئۇلارنىمۇ توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلدىم.


بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر شۇ سەۋەبتىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىن مەھرۇم قىلىنىسىلەر، خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشايدىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.


ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.


گەرچە ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر.


- ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيىلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


- بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار، - ھېچكىمگە ھېچقاچان قۇل بولمىدۇق. سىزنىڭ: «ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟


- بىزنىڭ ئاتىمىز، ئەجدادىمىز ئىبراھىم، - دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار. - ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار!


_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەدىكى ئاشۇ خارابە شەھەرلەردە قالغان كىشىلەر مۇنداق دەپ يۈرۈشۈپتۇ: «ئىبراھىم ئۆزى يالغۇز بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا ھەقلىق بولغان يەردە، بىز شۇنچە كۆپ بولغاندىكىن بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا تېخىمۇ ھەقلىقمىز!»


ئەگەر: «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار.


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە: - قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! - دېيىشتى.


ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ.


سىلەر: «بىز سىز بىلەن ھەمداستىخان بولغان، سىزمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار،


ئۇ چاغدا، ساھىبخانا سىزگە: «بۇ ياققا ئورۇن بەرگەيسىز!» دەپ قالسا، ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە پەگاھقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولىسىز.


- بۈگۈن بۇ ئادەم قۇتقۇزۇلدى. چۈنكى، ئۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنىڭ ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.


سىلەرگە گۆرۈگە قويۇلغان ئېتىز، ئۈزۈمزارلىق، زەيتۇنلۇق ۋە ئۆيلەرنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىڭلار! پۇل، ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغى قەرز بېرىپ ئالغان ئۆسۈملىرىڭلارنى ياندۇرۇپ بېرىڭلار! _ دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite