6 شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن ئىنسان خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!Œ دەپ توۋلايدۇ.»
پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ. يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئايان بولىدۇ، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈن جاھان كۆرىدۇ، بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»
لېكىن سىلەردىن شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىمىغاندىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتۈن دۇنياغا، سۆزلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يەتتى.»
بۇ جەھەتتە، يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق. ئەيسا مەسىھ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مېھىر-شەپقەت ياغدۇرىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.