Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:34
10 Referans Kwoze  

كېيىن تۇغۇلغىنى تۇغۇلغاندا، ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھالەتتە تۇغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق 60 ياشقا كىرگەنىدى.


ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] دەپ ئات قويدى.


كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى.


ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسى، ئىسھاق ياقۇپنىڭ ئاتىسى، ياقۇپ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتىسى،


ئىبراھىم ئىسھاقنىڭ ئاتىسىدۇر، ئىسھاقنىڭ ئەساۋ ۋە ئىسرائىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بار ئىدى.


يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمكى زاماندا تەراھ ھەمدە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناخور بىلەن ئىبراھىم ۋە باشقا ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايتتى، ئۇلار باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى.


ئاممىناداب رامنىڭ ئوغلى، رام ھېسروننىڭ ئوغلى، ھېسرون پارەسنىڭ ئوغلى، پارەس يەھۇدانىڭ ئوغلى،


ناھور سېرۇخنىڭ ئوغلى، سېرۇخ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئەبەرنىڭ ئوغلى، ئەبەر شالاھنىڭ ئوغلى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite