Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ھەزرىتى ئەيسا خۇدا يولىدا خىزمەت قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقىتتا، ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈپ ئېلىينىڭ ئوغلى،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:23
20 Referans Kwoze  

ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىنىڭ ئوغلىغۇ؟ ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەريەم؛ ياقۇپ، يۈسۈپ، سىمۇن ۋە يەھۇدالار ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟


ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئېلىڭلار.


ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس، دەسلەپكى خېتىمدە، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن تارتىپ تاكى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگۈچە قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ۋە بەرگەن بارلىق تەلىملىرىنى بايان قىلغانىدىم.


«بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ˜ئەرشتىن چۈشتۈم!Œ دېيەلىسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار.


بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر: - قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ - دېيىشتى.


ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ياغاچچىغۇ؟ مەريەم ئۇنىڭ ئانىسى، ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمۇن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ سىڭىللىرى بۇ يەردە ئۆز ئىچىمىزدىغۇ؟ - دېيىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى رەت قىلدى.


شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسا: «گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلىڭلار، چۈنكى ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


ياقۇپ مەريەمنىڭ ئېرى يۈسۈپنىڭ ئاتىسى، مەريەم مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىڭ ئاپىسى.


ئەلياقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتاتانىڭ ئوغلى، ماتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى،


يىشاي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى، داۋۇت پادىشاھ ئۇرىيانىڭ ئايالىدىن تۇغۇلغان سۇلايماننىڭ ئاتىسى،


ئەيسا مەسىھنىڭ ئەجدادلىرى: ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، داۋۇت پادىشاھ بولسا ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى.


لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە توشۇش ئىشلىرىنى قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ سانى


ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى.


ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى رويخەتكە ئالدى.


ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى.


داۋۇت پادىشاھ بولغان ۋاقتىدا ئوتتۇز ياشتا ئىدى، ئۇ قىرىق يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.


ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قېلىشتى، بىراق ئانىسى ئۇنىڭغا: - ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە ئۇقتۇرماي قېلىپ قالدىڭ؟ داداڭ ئىككىمىز سەندىن بەك ئەنسىرەپ، ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى! - دېدى.


فىلىپ ناتانيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا: - مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى تاپتۇق. ئۇ، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەن! - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite