20 نەتىجىدە، ھىرود خان تېخىمۇ يامان ئىشتىن بىرنى قىلدى، يەنى يەھيا پەيغەمبەرنى زىندانغا تاشلىدى.
يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»
بۇ، يەھيا پەيغەمبەر تېخى زىندانغا چۈشمىگەن ۋاقىت ئىدى.
مەن سىلەرنى جازالىغان بولساممۇ، لېكىن ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. سىلەر مېنىڭ تەربىيەلىرىمگە پىسەنت قىلمىدىڭلار. سىلەرنىڭ قىلىچىڭلار خۇددى ئاچ شىرلاردەك مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى.
لېكىن خەلقىڭ ساڭا بويسۇنمىدى. سەندىن يۈز ئۆرۈدى ۋە قانۇنۇڭنى تاشلاپ قويدى. ئۇلار سېنىڭ يولۇڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلغان پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ساڭا ئېغىر ھاقارەت كەلتۈردى.
لېكىن ئۇلار خۇدانىڭ ئەلچىلىرىنى مازاق قىلدى، سۆزلىرىنى زاڭلىق قىلدى، پەيغەمبەرلىرىنى مەسخىرە قىلدى. ئاخىرى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى شۇ قەدەر قوزغىدىكى، ئۇلارغا قۇتۇلغۇدەك يول قالمىدى.
بولۇپمۇ ماناسسە يېرۇسالېمدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىنى تۆككەچكە، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتى.
ماناسسە يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلەپ گۇناھ قىلغاندىن سىرت، يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنى ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە قان بىلەن بويىدى.
ھەزرىتى ئەيسا يەھيانىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى.