Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:14
15 Referans Kwoze  

يالغان گۇۋاھلىق بەرمەڭلار.


بۇنى بىرەر ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم.


ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلماڭلار.


ئىغۋا تارقاتماڭلار. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسماڭلار.


زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا: - يا رەببىم، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىمەن، - دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇ تەيىنلىگەن مەسىھنىڭ ھوقۇقى نامايان بولدى. چۈنكى، خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنى كېچە-كۈندۈز ئەيىبلىگۈچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى.


شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن.


مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن.


ئۇنىڭغا گەپ قىلغان پەرىشتە غايىب بولغاندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن ئىككىنى ۋە شەخسىي ياردەمچىلىرى ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى.


ھەزرىتى ئەيسا كەپەرناھۇم شەھىرىگە بارغاندا، رىملىق بىر يۈزبېشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، شاپائەت تىلەپ:


كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سورىدى.


- بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، - دېدى يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite