11 - ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر.
ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟
ئۇلارغا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلارنى كۆپ قىلىشنى، مەرد ۋە قولى ئوچۇق بولۇشنى بۇيرۇغىن.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.
ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟
خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە ئەيىبسىز ئىخلاسمەنلىك بولسا قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن تۇل خوتۇنلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىمىزنى دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن ساقلاشتۇر.
شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.
بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى، بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.»
خۇدا ئادالەتسىز ئەمەستۇر. ئۇ ھەرگىز سىلەرنىڭ ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجرىڭلار ۋە ئېتىقادچىلارغا قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇمايدۇ.
«كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار.
كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.
ئۇ تەقۋادار ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. ئۇ گەرچە يەھۇدىيلارنىڭ خۇشى يوق رىملىقلاردىن بولسىمۇ، مەردلىك بىلەن نامرات يەھۇدىيلارغا پۇل بېرەتتى ۋە دائىم خۇداغا دۇئا قىلاتتى.
ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغانلىقتىن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.
زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا: - يا رەببىم، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىمەن، - دېدى.
باشقىلارنى بوزەك قىلمىسا، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بەرسە، ئوغرىلىق قىلمىسا، ئاچلارغا يېمەك-ئىچمەك، يالىڭاچلارغا كىيىم-كېچەك بەرسە،
بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن.
بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.
قېرىنداشلىرىم! ئەگەر بىر كىشى ئاغزىدا، «مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىمەن» دەپ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتمىسە، ئۇنىڭ نېمە پايدىسى؟ ئۇ بۇنداق ئېتىقاد بىلەن قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلەمدۇ؟