Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:10
7 Referans Kwoze  

پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن: - قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى.


بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن: - بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى. يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، - دېدى.


كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: - قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.


ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، شەھەرگە كىر، نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى بىرى ساڭا ئېيتىپ بېرىدۇ، - دېگەن جاۋاب كەلدى ھېلىقى ئاۋازدىن.


خەلقنى گوللايدىغان بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ - دەپ سورىدى.


پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite