41 ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەي، بىر خۇش بولسا، بىر ھەيران بولۇشۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەردە يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟ - دەپ سورىدى.
ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ - دەپ سورىدى. - يوق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.
مەن ئۇنى چاقىرغاندا، ئۇ ماڭا جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلىرىمگە دىققەت قىلغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمايمەن.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكى ۋە مەريەمنىڭ ئۇنى كۆرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئىشەنمىدى.
شۇنىڭ بىلەن، شاگىرتلار كەينىگە قايتىپ، باشقىلارغا بۇ ئىشنى خەۋەر قىلدى، لېكىن ئۇلار بۇنىڭغىمۇ ئىشەنمىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تەرسالىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلگەندىن كېيىن كۆرگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنىدى.
لېكىن، ئەلچىلەر بۇ ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى.
ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى.
ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپىنى سۇنۇۋىدى،
ئۇ پېترۇسنىڭ ئاۋازىنى تونۇپ، خۇشاللىقىدىن ئىشىكنىمۇ ئاچماي يۈگۈرۈپ بېرىپ، كۆپچىلىككە: - پېترۇس دەرۋازا ئالدىدا ئىكەن! - دەپ خەۋەر قىلدى.
شاگىرتلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار ئۈچۈنمۇ خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، شاگىرتلىرىغا ئۇلارنىمۇ تارقىتىشنى ئېيتتى.