4 ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى پەيدا بولدى.
ئۇلار قەبرىگە كىرىپ ئوڭ تەرەپتە ئاق تون كىيگەن ياش بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئالاقزادە بولۇشتى.
ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ:
ئۇ قارىۋىدى، ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئېڭىشىپ تەزىم قىلدى
شۇ كۈنى، ئۇلارغا خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى.
ئاياللار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، باشلىرىنى يەرگە ئېگىشتى. ئۇ پەرىشتىلەر ئاياللارغا: - سىلەر نېمە ئۈچۈن تىرىك ئادەمنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟
تۇيۇقسىز كامېرغا كۈچلۈك بىر يورۇق نۇر چۈشۈپ، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈندى. پەرىشتە پېترۇسنىڭ مۈرىسىگە قېقىپ: - تېز تۇر! - دەپ ئويغاتتى. پېترۇسنىڭ قوللىرىدىكى زەنجىر شۇئان بوشاپ چۈشۈپ كەتتى.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.