Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 24:39 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

39 قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 24:39
12 Referans Kwoze  

ئاندىن، توماسقا: - بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! - دېدى.


بىز بۇ خېتىمىزدە سىلەرگە ئەزەلدىن بار بولغان ھاياتلىق كالامى توغرىسىدا بايان قىلماقچىمىز. بىز بۇ ھاياتلىق كالامىنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىغان، ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەن ۋە كۆزەتكەن ھەمدە ئۇنى ئۆز قوللىرىمىز بىلەن تۇتقان.


ۋە ئارقىدىنلا قوللىرى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شاگىرتلار رەببىنى كۆرگىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي خۇشال بولۇشۇپ كەتتى.


ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ.


بىزگە ئامانلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا ئۆزى سىلەرنى تەلتۆكۈس پاك قىلغاي. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگۈچە خۇدا روھىڭلار، جېنىڭلار ۋە تېنىڭلارنى ئەيىبسىز ساقلىغاي.


لېكىن مۇسا بىلەن ھارۇن ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ، نالە قىلدى: _ ئى خۇدا، ئىنسانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن پۈتۈن جامائەتكە غەزەپلىنەمسەن؟


يەر-يۈزىدىكى ئاتىمىزنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەرشتىكى ئاتىمىزغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلىپ، ياشىشىمىز كېرەك ئەمەسمۇ؟


كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭغا: - بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! - دېيىشتى. لېكىن توماس: - ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، - دېدى.


ئۇ ئۆلۈپ، تىرىلگەندىن كېيىنكى قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇلارغا كۆپ قېتىم كۆرۈنۈپ، ئۆزىنىڭ تىرىلدۈرۈلگەنلىكىنىڭ شەكسىز ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلىغانىدى ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر سۆزلەرنى قىلغانىدى.


ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: - ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، - دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟


ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite