29 ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: - كۈن ئولتۇردى. ھېلى قاراڭغۇ چۈشىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قېلىڭ، - دەپ ئۆتۈندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن قونماقچى بولۇپ ئۆيگە كىردى.
بىر كۈنى ئېلىشا شۇنېم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار بولۇپ، ئۇ ئېلىشانى غىزالىنىشقا قاتتىق تۇتۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكىنىدە، شۇ يەردە غىزالىنىپ ئۆتىدىغان بولدى.
لېكىن لۇت بەك چىڭ تۇرۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇشنى ۋە ئۇنى تاماقلار بىلەن بىرگە مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن ئۇلار غىزالاندى.
«يېزىدىكى چوڭ-كىچىك ئارقا كوچىلارنى ئارىلاپ، تاپقان ئادىمىڭنى زورلاپ ئەكېلىپ ئۆيۈمنى تولدۇر!
ئاڭلىغۇچىلار ئىچىدە تىياتىرا شەھىرىدىن كەلگەن لىديا ئىسىملىك بىر ئايال بار ئىدى. سۆسۈن رەڭلىك رەخت ساتىدىغان لىديا گەرچە يەھۇدىي بولمىسىمۇ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. خۇدانىڭ ئۇنىڭ قەلبىنى يورۇتۇشى بىلەن، ئۇ پاۋلۇسنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇلار بارىدىغان يېزىسىغا يېقىنلاشقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغاندەك تۇراتتى.
ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى.