25 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەي نادانلار! پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە نېمانچە تەستە ئىشىنىسىلەر؟
- ئەي ئېتىقادسىز ئەۋلاد! سىلەر ماڭا ئىشەنگۈچە، مەن سىلەر بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە بولۇشۇم كېرەك؟ يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟
ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تەرسالىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلگەندىن كېيىن كۆرگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنىدى.
ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
بۇنىڭ بىلەن، بىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنىڭ دەرۋەقە يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدى.
مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟!
مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇھىم تەلىمنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇ تەلىم شۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن يېزىلغىنىدەك، ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ،