14 ئۇلار يول بويى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.
پەرزەنتلىرىڭلارغا سەمىمىي ئۆگىتىڭلار. مەيلى ئۆيدە، مەيلى يولدا، مەيلى ياتقاندا، مەيلى تۇرغاندا بولسۇن، بۇ ئەمرلەر ھەققىدە داۋاملىق سۆزلەڭلار.
«مەن پەرۋەردىگار مەڭگۈ ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ھالاك قىلىنمىدىڭلار.
شۇ كۈنى، شاگىرتلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن يېزىغا باردى.
دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى.