Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:54 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

54 بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:54
6 Referans Kwoze  

دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ھارپىسى ئۆتكەنىدى. ئۇنىڭ ئەتىسى، ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشۇپ:


ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇشنى توغرا تاپمايتتى. شۇڭا، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى جەسەتلەرنى كرېستتىن ئېلىۋېتىش مەقسىتىدە، ۋالىي پىلاتۇستىن مىخلانغانلارنىڭ تېزرەك ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.


ئۇ ھارپا كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئىدى. كەچ كىرىپ قالغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئاراماتىيالىق يۈسۈپ يۈرەكلىك ھالدا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇنىڭدىن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.


بۇ كۈن ھېيتنىڭ ھارپىسى ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى شۇ يەرگە دەپنە قىلدى.


ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى بولۇپ، سائەت ئون ئىككىگە ئاز قالغانىدى. ۋالىي پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا: - مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار! - دېدى.


پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، يېڭىدىن ئويۇلغان چوڭ قورام تاشلىق قەبرىگە دەپنە قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite