53 پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، يېڭىدىن ئويۇلغان چوڭ قورام تاشلىق قەبرىگە دەپنە قىلدى.
يۈسۈپ كەندىر رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كېپەنلىدى ۋە قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلىپ، ئاغزىغا يوغان بىر قورام تاشنى دومىلىتىپ قويدى.
گەرچە ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولسىمۇ، ھېچقاچان ھىيلە-مىكىرلىك ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا جىنايەتچىلەر قاتارىدىن قەبرە بېرىلگەنىدى، لېكىن ئۇ ئۆلگەندە، بايلار قاتارىغا قويۇلدى.
يۈسۈپ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى.
ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم قويۇلمىغان يېڭى بىر ئۆڭكۈر يەرلىك بار ئىدى.
ئۇلار بۇ ئىشلارنى پەيغەمبەرلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىنى بىلمەستىن قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسىتى كرېستتىن چۈشۈرۈلۈپ، دەپنە قىلىندى.