Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:49 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

49 ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋ ە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 23:49
12 Referans Kwoze  

بۇلاردىن باشقا، يەنە جىن ۋە كېسەللىك ئازابلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەجدەللىك مەريەم،


يار-بۇرادەر، تۇغقانلىرىم كېسىلىم سەۋەبىدىن، يىراق قاچتى ئۆزلىرىنى ئېلىپ مەندىن.


شۇڭا، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى.


نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى.


مەجدەللىك مەريەم بىلەن يوسىنىڭ ئانىسى مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى.


پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.


يىراق قىلىپ مېنىڭدىن ھەمراھلىرىم، دوستلىرىمنى، يار قىلدىڭ پەقەت ماڭا قاراڭغۇلۇقنى.


مەجدەللىك مەريەم بىلەن يەنە بىر مەريەم بولسا ئۇ يەردە، قەبرىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇشتى.


قېرىنداشلىرىمنى مەندىن يىراقلاشتۇردى، تونۇشلىرىم مەندىن يۈز ئۆرۈدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite