43 - بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»
چاقىر مېنى ھەر ۋاقىت كۈن چۈشسە بېشىڭغا، قۇتقۇزىمەن سېنى، ئۇلۇغلايسەن مېنى شۇندا.»
ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ
مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر.
شۇ سەۋەبتىن، ئەيسا مەسىھ ئۆزى ئارقىلىق خۇدانىڭ ئالدىغا كەلگەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇشقا قادىردۇر. ئۇ مەڭگۈ ھايات بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.
ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر.
تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە.
ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنمىز، ھازىرقى تېنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولۇشقا رازىمىز.
قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.
ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.
ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئاندىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، - دېدى.